خىتاي ئاخباراتى بۈگۈن مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى لى دوڭشېڭنىڭ «ئىنتىزامسىزلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇ ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، لى قانۇن -ئىنتىزامغا «قاتتىق خىلاپلىق قىلغان» لىقى ئۈچۈن مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ۋە باشقا بارلىق ئەمەل-ئىمتىيازلىرىدىن تولۇق ئېلىپ تاشلانغان.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى لى دوڭشېڭنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شى جىنپىڭ خىتاي رەئىسى بولغاندىن كېيىن، خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۇ، چېرىكلىكنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
لى دوڭشېڭ سابىق ج خ مىنىستىرى جۇ يوڭكاڭنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن جازاغا تارتىلغان مىنىستىر دەرىجىلىك شەخسلەرنىڭ بىرى.