خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تورىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى شى شاۋلىننىڭ ئىنتىزامنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شى شاۋلىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نازارەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرى بولۇپ، 1959-يىلى شەنشىنىڭ خۇانەن شەھىرىدە تۇغۇلغان شى شاۋلىن 1977-يىلى مارالبېشى ناھىيىسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مارالبېشى، يېڭىسار، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بورتالا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن 5-دېۋىزىيىسى قاتارلىقلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە 2011-يىل 7-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئەدلىيە نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن نازىرى بولغان. ئۇ 2013-يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىككى نەپەر نازىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، دائىرىلەر 24-دېكابىر كۈنى بورتالا ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى گو شياڭيى ئىسىملىك يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىنغان ئىدى.