ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھلىكلىرىگە چېتىشلىق 4 نەپەر ئەمەلدارى بىلەن بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى يەنە بىر يىل ئۇزارتماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتى 22-نويابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كىرگۈزۈشنى مۇنازىرە قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى، ھازىرقى تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو، شۇنداقلا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نى جازالىغان.
بىريۇسسېل يۇقىرىقى 4 شەخسنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تەقىب، تۇتقۇن ۋە مېڭە يۇيۇش پروگراممىسى» نىڭ لايىھەلىگۈچىلىرىدىن، دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بىڭتۈەننى بۇ خەلقلەرگە قارىتىلغان «كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە خورلاش قىلمىشنىڭ جاۋابكارى» دەپ كۆرسەتكەنىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا كومىسىسيەسىنىڭ بىر كومىتېتى 30-نويابىر كۈنى جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى مۇزاكىرە قىلىپ، 5-دېكابىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا تەستىقلىتىدىكەن. بۇ، 2019-يىلى 3-ئايدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بۇ جازانىڭ كېلەر يىلى 3-ئايدا قايتا يېڭىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ جازا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دىپلوماتىك سۈركىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ ۋەزىيەتتىن خەۋەردار دىپلوماتلارنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق بىر ياخشىلىنىش بولمىغاچقا جازانى ئۇزارتىش قارارى 12-ئايدا ھېچقانداق مۇنازىرىسىز ماقۇللىنىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتىكەن.