خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەققىدە «پىلان» ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە «يېڭى دەۋردىكى ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانى» ناملىق بىر پىلاننى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ پىلان «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، كارخانىلارنىڭ ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قېلىپلاشتۇرىدىكەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» دېگەن پىلان ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە تەۋە زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى تەكىتلەپ قېلىشى دىققەت قوزغىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ «پىلان» دا ئاساسلىق كارخانا، سانائەت باغچىسى، يېزا-بازار ۋە تارماق رايونلارنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، توقۇنۇشنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش دېگەندەك ئۇقۇملارغا چۈشەنچە بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قانۇن چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەتلەر جىددىي داۋام قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەكچىلەر قانۇنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەكىتلەپ قېلىشىنىڭ يۇقىرىدىكى ۋەزىيەت بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.