خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەنگلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھەركىتى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىشىدىن باشلانغان زور تۇتقۇن، سىياسىي باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى ئەيىبلەش چۇقانلىرى يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ كەلگەن ئىدى. 26-مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئەڭ كۈچلۈك پىكىر بايان قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنگىلىيەنىڭ بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كىشىگە «جازا» بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر «جازا» بويىچە بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا، جۈملىدىن خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) قاتارلىق جايلارغا بېرىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتايدىكى بارلىق مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىكى ھېچقانداق شەخس ياكى ئورۇننىڭ بۇ كىشىلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى دۇنكان سىمىت، نۇسرەت غەنى خانىم، تىم لاۋتون قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دۇنكان سىمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاينىڭ ماڭا جازا بەرگىنى مەن ئۈچۈن بىر شەرەپ. چۈنكى بۇ مەن قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەن.

بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى «جازا» بەرگەن كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى نيۇ-كەسۇل (يېڭى قەلئە) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوئاننىي سىمىس خانىم ئىكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا كۆپ قېتىم لېكسىيە بەرگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن ھېچقانداق پۇشايمىنىم يوق. ئەمما بۇ جازا تۈپەيلىدىن مەن سۈكۈت قىلمايمەن،» دېگەن.

بۇ قېتىمقى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان يەنە بىر مۇھىم شەخس «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ رەئىسى، ئادۋوكات جوفرېي نايىس بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سېربىيەدىكى دىكتاتور مىلوشېۋىچنى ب د ت سوتىغا ئېلىپ چىقىشتا زور خىزمەت كۆرسەتكەن كىشى ئىكەن.

فرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئادۋوكات جوفرېي بۇ جازا ھەققىدە توختىلىپ: «بۇنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىزگە قىلچىلىكمۇ دەخلىسى يەتمەيدۇ، ئەكسىچە بىزنى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بولۇشقا ئۈندەيدۇ،» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار بۇ يىل يازدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر چوڭ گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بولۇشى ھەققىدە بىر قارار ئالماقچى ئىكەن.