كالىفورنىيەدە 100 دەك ئۆينى ئەپيۈن ئېتىزىغا ئايلاندۇرۇۋالغان خىتاي جىنايەت گۇرۇھى تارمار قىلىنغان

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتلىق ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى شىمالىي كالىفورنىيە رايونىدا 100 دەك ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۇنى قانۇنسىز ھالدا ئەپيۈن ئۆستۈرىدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇۋالغان بىر خىتاي جىنايەت گۇرۇھىنى پاش قىلغان.

«دېموكراتىك ئاخبارات» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كالىفورنىيە شتاتىدىكى بۇ ئۆيلەر گەرچە ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان خىتايلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆي سېتىۋالغاندا ئىشلەتكەن پۇللىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىن ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۆي سېتىۋالغۇچى خىتايلار ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك، جورجىيە، ئوخاييو، پىنسىلۋانىيە قاتارلىق شتاتلىرىدىن كالىفورنىيەگە يىغىلغان ھەمدە بۇ ئۆيلەردە تېرىلغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەپيۈنلەرنى يەنە يۇقىرىقى شتاتلارغا يۆتكىگەن.

ئامېرىكا فېدىرال ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى ئۆيلەرنىڭ خۇددى بىر كەسىپلەشكەن «يېزا-ئىگىلىك سانائىتى» ئېتىزلىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، بۇنداق كۆلىمى زور قانۇنسىز ئەپيۈن ئۆستۈرۈش ھادىسىسىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى كالىفورنىيەدىن ئۆي سېتىۋالغان بۇ خىتايلارنىڭ خىتايدىكى جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن مەخسۇس ھالدا ئامېرىكىغا ئۆي سېتىۋېلىپ جىنايەت گۇرۇھلىرىغا ئىشلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ياكى ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرمەكتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار سېتىۋالغان كالىفورنىيەدىكى 100 دەك ئۆيگە ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 نەپەر ساقچى ۋە ئوفىتسېر قاتناشقان. ئۇلار ئىككى كۈندە 75 ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ئاختۇرۇش جەريانىدا 36 مىڭ ئەپيۈن چېچىكى، 115 كىلوگرام پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەپيۈن، 68 مىڭ دوللار نەق پۇل، 15 دانە قورال ۋە گېنېراتور قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن.