خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بورتالا ئوبلاستىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي ئەرزدار ۋە پائالىيەتچىنىڭ كىملىك كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئەرز قىلىش ئۈچۈن يۇرت ئاتلاپ چىقىشىنى توسقان. ئۇنىڭ چەتئەلدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تورلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، 25-يانۋار كۈنى كەنت پارتىيە سېكرېتارى ۋە ئالاقىدار كادىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، كىملىك كىنىشكىسىنى تارتىۋالغان.
جياڭ جىلىن 26-يانۋار چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تورلىرىغا تېلېفون قىلىپ بەرگەن ئۇچۇرىدا، «بۇ كادىرلار چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا قارىماي ئالايىتەن كېلىپ، كىملىك كىنىشكامنى بۇلاپ چىقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مېنىڭ سىرتقا چىقىشىمنى توسۇش ۋە ئەركىنلىكىمنى كونترول قىلىش» دېگەن.
بورتالا شەھىرىگە قاراشلىق دالېرت بازىرى قارامودۇن كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ۋاڭ فاچى ئۇنىڭ كىملىكىنى چاغان بايرىمىدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جياڭ جىلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارامودۇن كەنتى پارتىيە 2-سېكرېتارىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، مەزكۇر خىتاي ئەرزدارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تور بەتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەرزدار جياڭ جىلىن ئۇزۇندىن بۇيان ۋىجدان ئۆكتىچىلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى ئىكەن.