17-ماي بىر تۈركۈم خىتاي ئەرزدارلار ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىغا دەرد ئېيتىپ كەلگەن. بىراق، ئەتراپتىكى قوراللىق ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرى ئەرزدارلارنى دەرھال تۇتقۇن قىلىپ، شۇ رايوندىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەتكەن.
خىتاي ئەرزدارلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىشكە باشلىغان.
ئاقساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا بەزى خىتاي ئەرزدارلار ئاقساراينىڭ تور بېتىگە ئەرز يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى شىكايەت قىلغان. ئاقساراينىڭ تور بېتىگە كىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلىشنى قوللىغان خىتايلارنىڭ سانى بىر كۈندە 170 مىڭغا يېتىپ بارغان.
خىتايدىكى «تيەنۋاڭ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» ناملىق بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇجيەننىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 18 نەپەر ئەرزدار داۋا-دەستۇرىنى يەرلىك ئورگانلارغا ئاقتۇرۇلماي بېيجىڭغا كېلىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەرز قىلىشنى قارار قىلغان.
ئەرزدارلار جۈمە كۈنى كەچ سائەت 6:00 لەردە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىپ، ئەرزنامە تارقاتقان. يىغلاپ تۇرۇپ، داد-پەرياد سالغان. بىراق، ئەرزدارلار ئەتراپتىكى قوراللىق ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان.
يېقىندا خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىر مەسئۇل ئەمەلدارى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەرزدارلارنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى ئاڭلاش، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.