نەنجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 29-ئىيۇل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئەرزدارلارنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھەرقانداق باھانىدە توسۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇقتۇرۇشتا رەھبىرى كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ھېچقانداق ئىدارە، ئورگانغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدىغانلىقى، رەھبەرلەرگە ئەھۋال ئىنكاس قىلماقچى بولغان ئەرزدارلارنى ھەرقانداق ئىدارە، ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ توسۇشىغا بولمايدىغانلىقى، ئەرزدار ئاممىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئەگەشكەن ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى دانىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
ئۇندىن باشقا يەنە، نەنجىڭ پۇقرالىرىنىڭ مەملىكەتلىك ۋە ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەتتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشسە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.
بۇ ئۇقتۇرۇش 29-ئىيۇل كۈنى نەنجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. بەزىلەر بۇنىڭ بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلەر بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنىڭ خىتايدا ئەمەلىيلىشىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا، ئەرزدارلارغا تەھدىت سېلىش، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش، نازارەت قىلىش، ھەتتا سولاپ قويۇشتەك ئەھۋاللار ئارقا- ئارقىدىن ئىنكاس قىلىنماقتا.