خىتايدا مىڭلارچە خەلق ئوقۇتقۇچىسى بېيجىڭغا توپلىنىپ مۇۋاپىق ھەق ۋە تەمىنات تەلەپ قىلغان

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن بېيجىڭغا توپلانغان مىڭلارچە خەلق ئوقۇتقۇچىسى مەركىزى ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز سۇنۇپ، خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئەرزدارلار سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئەندىشىلەنگەن دائىرىلەر ساقچىلار ۋە دۆلەت ئامانلىق خادىملىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئەرزدارلار توپلانغان ئورۇن ۋە چۈشكەن مېھمانخانىلارنى قورشاۋغا ئالغان.

مەزكۇر ئەرزدارلاردىن بىرىنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 80 ‏-يىللاردا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ۋە كېيىن خىزمەتتىن توختىتىلغانلار بولۇپ، بۇلارغا بېرىلىۋاتقان تەمىنات خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشقا مۈمكىنسىز ئىكەن.

خەۋەردە بۇ ئەرزدارلارنىڭ خىتايدىكى 25 ئۆلكە شەھەردىن توپلانغانلىقى يېزىلغان، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ياكى سابىق ئوقۇتقۇچىنىڭ بار يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. جەمئىيەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتتە تۇرمۇشىنى قېيىن ئەھۋالدا كەچۈرمەكتە.