خىتاينىڭ دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە 20 پائالىيەتچى ۋە ئەرزدار تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاينىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 2‏-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيى 18‏-دېكابىر ئاخىرلاشتى. ئەمما چەتئەلدىكى خىتاي تور بېكەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 2 كۈنلۈك قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ۋۇجېن شەھىرىگە ئەرزگە ماڭغان 20 نەپەر شاڭخەيلىك پائالىيەتچى ۋە ئەرزدارنى يولدا تۇتقۇن قىلغان، قولغا ئالغان ۋە نەزەربەند قىلغان.

خىتاي «كىشىلىك ھوقۇق قوغداش تورى»نىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، دائىرىلەر جياڭ لىڭدى، جېن جىڭفاڭ، شۇ يۈيىڭ قاتارلىق 8 كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىپ تۇتقۇن قىلغان.

جاڭ جاۋفا، جاڭ گۇيلەن، خۇڭ شيەنخۇا قاتارلىق 4 كىشىگە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاڭ گۇيلەن قاتارلىق 3 كىشىنى جياشىڭ پويىز ئىستانسىسىدا تۇتۇپ قالغان.

خىتاي «كىشىلىك ھوقۇق تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە، سەي شياۋمېي، خەن سۇفاڭ، ليۇ گوفاڭ، دىڭ دېيۈەن قاتارلىق 12 كىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2‏-نۆۋەتلىك ۋۇجېن دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ۋۇجېن شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. يىغىن مەركىزى جايلاشقان رايوندىكى بارلىق مېھمانخانا، خىزمەت ئورنى، دۇكانلارنى تاقاپ، ئاممىۋى قاتناشنى توختاتقان ئىدى.