يېقىندا ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ئىدارىسى (DEA) نيۇ-يورك شەھرىدە فاڭ مىنسۇ ئىسىملىك بىر خىتاينى قولغا ئالغان ھەمدە ئۇنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە غايەت زور مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يېڭى تۈرى بولغان فېنتانىل (fentanyl) نى يۆتكەش قىلمىشىغا سوت ئاچقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن فاڭ مىنسۇ يىللاردىن بۇيان مېكېسىكالىق زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئامېرىكا تەۋەسىگە ئوخشاش بولمىغان يوللاردىن زور مىقداردا فېنتانىل كىرگۈزگەن. ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ 2023-يىلىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك بىر قېتىملىق «قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى» دە 2500 كىلوگىراملىق فېنتانىل قولغا چۈشكەن. شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتىن كېيىن ئامېرىكا ساقچىلىرى فاڭ مىنسۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش قىلمىشىنىڭ «خىتاي بانكىسى» ئارقىلىق ئىشقا ئاشقانلىقىنى، ماللارنى يۆتكەش ۋە سېتىش سودىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مېررىك گارلاند (Merrick Garland) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز قولغا ئالغان بۇ ئەيىبكار دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كىرگەن زەھەر نەچچە مىليون ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ. ھازىر خىتاي خىمىيەۋى مەھسۇلات شىركەتلىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرى ياسىغان زەھەرنى دۆلىتىمىزگە تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان فېنتانىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالدى بىلەن مېكسىكا پورتلىرىغا، ئاندىن خىتاي كونتروللۇقىدىكى پاراخوتلاردا ئامېرىكا شەھەرلىرىگە ئېلىپ كىرىلگەن. ئەمما فاڭ مىنسونىڭ شىركىتى نەچچە توننا فېنتانىلنى باشقا مال شەكلىدە ئوراپ تەييارلىغان ھەمدە بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكا تەۋەسىگە ئېلىپ كىرگەن. ئاندىن بۇلارنى كالىفورنىيەدىن تارقىتىلغان مال نامىدا نيۇ-يورك قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە يوللىغان. بۇ ھال نۇرغۇن كىشىلەرگە «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ سابىق رەئىسى مايك گاللاگېرنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ‹دۆلىتىڭلارغا تېخىمۇ زور مىقداردا فېنتانىل ئېكسپورت قىلماقچى بولۇۋاتىمىز› دەۋاتىدۇ. ئۇلار دەل مۇشۇ ئاپەتتىن دۆلىتىمىزدە يېڭى ۋەيرانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەتكەن.