بېيجىڭدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.28

ئالاھازەل بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاڭفۇجىندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز سىياسىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلار سەيشەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا ئومۇمى خور ئېيتىپ نامايىش قىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە دەرھال چەتئەل ئاخباراتى، خىتاي جەمئىيىتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتايدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئورگانلىرىدىن بېيجىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر دەرھال ساقچى كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، چارشەنبە كۈنى ۋاڭفۇجىڭدا توپلانغان نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن.

بۇ جەرياندا ساقچىلار بىر قىسىم ئەيدىز نامايىشچىلىرىنى تۇتۇپ، ساقچى ئاپتوموبىلىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەتراپىغا ئېلىپ بېرىپ قويۇپ بەرگەن.

نامايىشچىلار چارشەنبە كۈنى ۋاڭفۇجىڭدا يىغىلىشتىن بۇرۇن خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر ۋەقە 1-دېكابىر يېتىپ كېلىدىغان دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى. نامايىشچىلار يەنە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى چىقارغان 26‏-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

26‏-نومۇرلۇق ھۆججەتتە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئەيدىز بىمارلىرىغا ھەر ئايدا 600 سوم ياردەم پۇلى بېرىش، ئاتا-ئانىسى ئەيدىزدە ئۆلگەن بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بۇيرۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئىككى يىل ئاۋۋال خىتاي بويىچە 780 مىڭ ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، خىتاي ھەربىي دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى گاۋ ياۋجيېنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا 10 مىليونغا يېقىن ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.