خىتايدا يېزا خەلقى 8 ياشلىق ئەيدىز بالىنى يېزىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان


سىچۇەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق بىر يېزىدىكى 200 دىن ئوشۇق ئامما بىرلىكتە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ، يېزىدىكى 8 ياشلىق ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىسى بالىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ۋەقە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقالغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەتكە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە بۇ ئۆسمۈر بالىنىڭ بوۋىسىمۇ بار ئىكەن. كۈنكۈن ئىسىملىك بۇ بالا ۋىرۇسنى ئاپىسىدىن يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپىسى 2006 - يىلى يېزىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن، كۈنكۈننىڭ دادىسىمۇ بالىسىنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنى تاشلاپ «غايىپ» بولۇپ كەتكەن. كۈنكۈن مەكتەپ يېشىغا توشقاندا يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنى مەكتەپكە قوبۇل قىلمىغان، يېزىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىپ يۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلۇش، كەمسىتىلىشكە ئۇچراشتەك ۋەزىيىتىنىڭ بىر تىپىك مىسالى، دەپ قارالماقتا. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەي جىشىڭ تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتچىلىرىدىن تاڭ ئەپەندى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بۇنداق كەمسىتىشنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەيدىزگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېزىلاردا كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ساۋاتسىزلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان سىتاتېستىكىدىن قارىغاندا، خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى 497 مىڭ نەپەر ئىكەن. دەرۋەقە مەكتەپ، دوختۇرخانا، خىزمەت ئورۇنلىرى قاتارلىق ھەممىلا يەردە ئۇلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز بىمارلىرىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئىشلىرى قاتتىق قېيىنچىلىققا ئۇچرايدىكەن.