خىتاي پۇقراسى چېن شياۋفېي ئامېرىكادا فېنتانېل خام ئەشياسى ياساش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان

ئامېرىكا دائىرىلىرى بىر نەپەر خىتاي پۇقراسىنى فېنتانېل ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان زەھەرلىك ماددا ياساش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.

ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى فېدېراتسىيە زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، خىتاي پۇقراسى چېن شياۋفېي ئامېرىكاغا سائىتىگە 24 مىڭ دانە فېنتانىل تابلىتى ئىشلەپچىقىرالايدىغان دورا پىرېسلاش ماشىنىسى ئېلىپ كىرىپ، زور كۆلەمدە فېنتانىل ماددىسى ياساپ ساتقان.

«ئىشخانا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن شياۋفېي 8 يىلدىن بېرى خىتايدىكى دورا پىرېسلاش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى سېتىش ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن. بۇ ماشىنىلار «M30» ئوكسىكودون (oxycodone) تابلىتكىسىغا ئوخشاش رېتسېپلىق دورىلارنى تەقلىد قىلالايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ئامېرىكادا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك فېنتانىلنىڭ خام ئەشياسى ئىكەن.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئالاھىدە خادىمى كەسىي ماكگلون (Kathy McGlone) بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ساختا دورىلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئامېرىكادا فېنتانىل ئىشلىتىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ خىتاي شىركىتى دورا پىرېسلاش ماشىنىلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى چۇۋۇپ ئاندىن ئۇنى ئامېرىكاغا كىرگۈزگەن. ئۇلار ئامېرىكا تاموژناسىدا بۇ زاپچاسلارنى يۈك ماشىنىسىنىڭ زاپچاسلىرى دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن. زاپچاسلارنى يالغان بايانات بىلەن تاموژنادىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ فېنتانىل ئۈچۈن خام ئەشيا بولىدىغان دورا تابلىتكىلىرىنى زور كۆلەمدە ياساپ ساتقان.

ئامېرىكا دائىرىلىرى چېن شياۋفېينى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يىل 10-ئايدا ئۇ قانۇنلۇق ۋىزا بىلەن ئامېرىكاغا قايتا كىرگەندە قولغا ئالغان. ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە، ئۇنىڭ قاماق جازاسىغا دۇچ كېلىشى ۋە ئېغىر جەرىمانە بىلەن جازالىنىشى مۇمكىن ئىكەن.