خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي 4-نويابىر كۈنى بايانات بېرىپ، «س ن ن قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ۋەقەسىدىكى تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي قانۇن تورىنىڭ 4-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە ھەرقانداق باھانىدىكى تېررورلۇق قىلمىشى ۋە تېررورلۇق پائالىيىتىنى قوللىغۇچىلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ. تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قوش ئۆلچەم قوللىنىش خاھىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن،خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى مەتبۇئاتلار، خىتاي دائىرىلىرى كۆرسەتكەن ئىسپاتلارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قاراشلىرىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر خىل باستۇرۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
