14-ماي كۈنى نىڭشادا باشلانغان 11-نۆۋەتلىك خىتاي-گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە تىبەت مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.
گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 1999-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىسى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بولغان.
گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 14-ماي باشلىنىپ، خىتاي ۋاقتى 15-ماي چارشەنبە كۈنى كەچتە ئاياغلاشقان. سۆھبەت ئاياغلاشقۇچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا سۆھبەت ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. ئەمما گېرمانىيە ئاۋازى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىككى كۈندىن بۇيان سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە خەۋەرلەر بەرمەكتە.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە «گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 11-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە، ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلار بولغان شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 24-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى كۆپەيگەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى بارغانچە كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ بۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلاشقان » لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.