خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ چوڭ خەتەر ۋە تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىغان

ئىستىخبارات ساھەسىدە «بەش كۆز ئىتتىپاقى» دەپ تونۇلغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

ئەنگلىيە BBC تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «بەش كۆز ئىتتىپاقى» مەسئۇللىرى بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋى سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىغان. ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ باياناتىدا، شۇنداقلا كارخانىچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخپىي يىغىنىدا ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئوغرىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخبارات 5-باشقارمىسى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە شىركەتلىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، خىتاي جاسۇسلىرى لىنكدىن (Linkedin) تور بېتىدە 20 مىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، ئۇلارنى سەزگۈر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان قىلىشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي جاسۇسلىرى ئەنگلىيە شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغانلاردىن سودا مەخپىيەتلىكى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش بىلەن بىرگە، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن ئەنگلىيە سىياسىتىگە ئارىلىشىشقا باشلىغان.

بۇ سۆھبەت يىغىنىدا، «بەش كۆز ئىتتىپاقى» نىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ خىتاي جاسۇسلىرىدىن كېلىۋاتقان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇسلىرىنى ئىشقا سېلىپ، باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پىكىر-خىيالى، پىلانىنى بىلىشكە ئۇرۇنىدىكەن، بۇلار ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە سۇيىقەستلىك ھالغا كېلىشكە باشلىغان.