خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى يېقىندا ئالتايدىن بايقالغان گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناقنىڭ ئۇرۇقى چەتئەلدىن ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يىل 5 - ئايدا بىر خىتاي يېزا ئىگىلىك فىرمىسى ئالتاينىڭ بۆرۈلتوقاي ناھىيىسىدە گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق تېرىپ بايقىلىپ قالغان. يەرلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى 100 گېكتاردىن ئارتۇق بۇ قوناقلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مەزكۇر فىرمىغا 10 مىڭ سوم جەرىمانە قويغان ئىدى.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فىرما تېخىمۇ كۆپ پايدىنى كۆزلەپ، گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق ئۇرۇقىنى ئەتكەس يوللار بىلەن ئېلىپ كىرگەن. گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىراەتلەرنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارشى ئىمۇنىت كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ خىتاي يېزا ئىگىلىك شىركىتىنى جەلپ قىلغان.
ئەمما خىتاي گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئاساسلىق زىرائەتلەرنى تىجارەت خاراكتېرلىك ئىشلەپچىرىشنى چەكلىگەن بولۇپ، ئۇ پەقەت گېنى ئۆزگەرتىلگەن پاختا بىلەن پاپاياغا يول قويىدۇ. خىتاي «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇاڭ دافاڭ، گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناقنىڭ بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇپ چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئۇنى قانۇنسىز ئۆستۈرۈش بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەرنى چەكلىسىمۇ، ئەمما خىتاي گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەن.