خىتاي باش مىنىستىرى خىتاي مەبلەغ سالغان گۋادار ئايرودۇرۇمنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ پاكىستان سەپىرىنىڭ بېشىدا خىتاي مەبلەغ سالغان ئايرودۇرۇمنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تور ئارقىلىق قاتناشقان. بۇ ئايرودۇرۇم خىتاي تەرىپىدىن خەتەرلىك دەپ قارالغان بالۇچىستان رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايونىدىكى خىتاي ئەسلىھەلىرى ئىزچىل «بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ قوراللىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ شەخسەن بالۇچىستانغا بارمىغان. ئەكسىچە، بالۇچىستاندىن 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پايتەخت ئىسلامئابادتا گۋادار (Gwadar) ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تور ئارقىلىق مەۋھۇم شەكىلدە قاتناشقان. بالۇچىستان رايونى قەشقەردىن گۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» نىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئايرودۇرۇم گۋادار پورتىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان. مەزكۇر ئايرودۇرۇم پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنى پاكىستان دېڭىز قىرغىقىغا تۇتاشتۇرىدىغان 75 مىليارد دوللارلىق «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ ئۇل تېشى، دەپ قارىلىدۇ. پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف مۇراسىمدا «خىتايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ سوۋغىسى ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى› نىڭ يەنە بىر گۈلتاجىسى بولغۇسى» دېگەن. شۇنىڭدەك لى چياڭغا ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە پاكىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دائىم «قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن قوشنىسىنى قۇتقۇزۇشقا ئىقتىسادىي ياردەم» بېرىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. 10-ئاينىڭ بېشىدا، كاراچىدىكى ئىنژېنېرلار ئەترىتى ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئىككى خىتاي ئىشچى ئۆلگەن ئىدى. بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇمغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە «بالۇچىستاننىڭ بايلىقى چەتئەلگە سېتىلماقتا، بالۇچىستان خەلقى بۇنىڭدىن قىلچىلىكمۇ مەنپەئەت قازانغىنى يوق» دەپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.