خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشى كۈچىيىپ كەتكەن

يېقىنقى نەچچە ئايدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسىدىكى خاككېرلار ئامېرىكانىڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەن ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئابونتلىرىنى نازارەت قىلغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» تورىنىڭ 27-ئاۋغۇست بەرگەن بۇ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكانى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە نەچچە مىلون ئابونتى بولغان ئىككى شىركەتكە ناھايىتى جىددىي ۋە مۇرەككەپ بولغان تور ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ تورىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان.

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئىدارىسى (CISA) نىڭ باشلىقى براندون ۋېلىسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى بۇرۇنقىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، ئەھۋال ھەقىقەتەن يامان ئىكەن. ئۇلار مەخپىي خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىزمەتچىلىرى ۋە ھەربىي خادىملارنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بولغان تەشكىلاتلارنى نىشان قىلىدىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خاككېرلار قوللانغان تېخنىكا ۋە مەنبە خىتاينىڭ قوللىشىدىكى ۋولت تايفون (Volt Typhoon) تەشكىلاتى قوللانغان تېخنىكا ۋە مەنبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ۋولت تايفونغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ خاككېرلار ئامېرىكادىكى تور مۇلازىمىتى شىركەتلىرىنىڭ تورىغا كىرىپ، زىيارەتچى ئابونتلارنىڭ تور نامى ئادرېسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن ياكى باشقا جايغا يۆتكىۋېتىدىكەن، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ نازارەت قىلىدىكەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكادىكى Infoblox تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خاككېرلارنىڭ ھەرىكىتىنى بايقىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تور توسۇقلىرىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپىنىڭ خىتاي خاككېرلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇغان.