خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىيلىقىدىكى خاككېرلار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي جازا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىسىغا تور ھۇجۇمى قىلغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 1-يانۋار بەرگەن بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى چەتئەل مۈلكىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى بىلەن پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات ئىشخانىسىغا تور ھۇجۇمى قىلغاندىن باشقا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلىننىڭ ئىشخانىسىغىمۇ تور ھۇجۇمى قىلىشنى نىشانلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا يوللىغان خېتىدە، خىتاي خاككېرلىرى قوزغىغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇمنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مەخپىي بولمىغان بىر ھۆججەتنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، بىراق بۇ ھۇجۇمدىن كىمنىڭ ۋە قايسى بۆلۈمنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتمىغان. خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇنداق بىر تور ھۇجۇمىنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، «ئامېرىكا بىزگە قارا چاپلاۋاتىدۇ» دېگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ئوبزورچىسىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا بۇنداق بىر تور ھۇجۇمى قوزغىشىدىكى مەقسەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە قايسى خىتاي شىركىتىنى پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە جازالايدىغانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشى ئىكەن. خىتاي كارخانىلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەر دائىم ئامېرىكانىڭ جازالاش ئوبيېكتلىرى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى مۇھىم بىر دىپلوماتىيە قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەتتا ۋاقتى كەلسە خىتاي بانكىسىغىمۇ جازا چەكلىمىسى قويۇپ، خىتاينىڭ رۇسىيە نېفىتىدىن ئالىدىغان پايدىسىنى ئازلىتىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.