خىتاينىڭ «تۈزلۈك تەيپېڭ» ناملىق خاككېرلىق گۇرۇپپىسى ئامېرىكانىڭ AT&T، ۋېرىزون، لومېن قاتارلىق ئاساسلىق تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىگە قارىتا خاككېرلىق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 6-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچ ئاساسلىق ئامېرىكا تېلېفون شىركىتىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇ ھۇجۇم ئامېرىكا كۆزىتىۋاتقان خىتاي نىشانلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە، قاراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە، بۇ دېلونىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دەسلەپكى تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دېلونىڭ نازۇكلۇقى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەمەلدارلار، نۆۋەتتە پىرېزىدېنت بايدېنغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى، ئەمما بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رەقىبى، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بولغان رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىغا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمى ئامېرىكانىڭ ۋېرىزون، AT&T، لۇمېن قاتارلىق ئۈچ ئاساسلىق تېلېفون شىركىتىنىڭ ئالاقە تورىنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۇجۇمنىڭ باشقا تېلېفون شىركەتلىرىنىمۇ نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمى مۇھىم ۋەقە بولسىمۇ، ئەمما ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە قانداق ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن «ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدىكەن.»
بىر ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارى «ھۇجۇمدا ئامېرىكىنىڭ قانۇنلۇق يوشۇرۇن ئاڭلاش سىستېمىسىنى نىشان قىلغانلىقىغا دائىر بېشارەتلەر بار» دېگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى تېخىمۇ كەڭ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولۇشى، بۇنىڭ تېلېفون سىستېمىسىدىكى ئومۇمى تور ئالاقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.