ئالاقىدار ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ھالال» بەلگىلىرىنىڭ چەكلىنىشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، «ھالال» لىق ھەققىدىكى ۋەھىمە ۋە «ھالال» لىقنى چەكلەش تەشەببۇسلىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم جايلاردا باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ۋېيبو»، «سىنا» قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇنبەرلەردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان يەنتەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇسۇلمانچە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنى تۇڭگانلار كۆتۈرە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئاشخانىنىڭ زالىغا مەسچىتلەرنىڭ رەڭلىك سۈرىتى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردىن تاللانما جۈملىلەرنى چاپلىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشخانىنىڭ ئىچىدىكى كىتاب ئىشكاپىغا «نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ھاراق ئىچمەيدۇ؟»، «نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار چوشقا گۆشى يېمەيدۇ؟» دېگەندەك ماۋزۇلاردىكى ساۋات خاراكتېرلىك كىتابلارنى تىزىپ قويغان ئىكەن. ئەمما يېقىندىن بۇيان ئالاقىدار تارماقلار مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدىكى بۇ ھادىسىلەرنى «ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغانلىق»، دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا مائارىپنىڭ دىن بىلەن قارىمۇ-قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، «مەكتەپ قورۇسى دىنىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قەتئىي توسۇشى لازىم»، دەپ تەكىتلىگەن.
ئوقۇرمەنلەر تەمىنلىگەن يەنە بىر ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر داڭلىق رېستوران ئاشكارا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەلىپى ھەمدە بازاردىكى ھالال مەھسۇلاتلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ روھىغا بىنائەن ھالال بەلگىلىرىنى بۇندىن كېيىن ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلدۇق»، دېگەن.