يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان بۇلغىنىشچان گاز قويۇپ بېرىش خەلقئارا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنلىرىدا كۆپ تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، خىتاي دۇنيانىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇشتا ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭماقتا ئىكەن.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 17-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا قويۇپ بەرگەن ئىككى تۈرلۈك كاربون گازى 78 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، يەر شارىنى بۇلغاشتا يېڭى رېكورت ياراتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزور، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلار ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان پېرفلور كاربون ئاتموسفېرانىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان گاز ئىكەن.
ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدە پېرفلور كاربون ۋە تېترافلور مېتاننىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى گازنىڭ ئاتموسفېرادىكى ئۆمرى 50 مىڭ يىلدىن 10 مىڭ يىلغىچە ئىكەن.
ئۇلار خىتاينىڭ 9 شەھىرىدىكى ھاۋانى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2011-يىلدىن 2021-يىلغىچە، بۇ شەھەرلەردە ئىككى تۈرلۈك كاربونلۇق گازنىڭ قويۇپ بېرىلىش نىسبىتىنىڭ 78 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى بايقىغان. 2020-يىلى خىتايدا قويۇپ بېرىلگەن كاربونلۇق گاز دۇنيادا قويۇپ بېرىلگەن كاربونلۇق گاز مىقدارىنىڭ 64 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن، كاربون تۆت ئوكسىد گازى يەر شارى پارنىك گازى مىقدارىنىڭ 76 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، ئىقلىمنىڭ جىددىي بۇلغانغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاھالىسى زىچ، زاۋۇتلىرى كۆپ شەھەرلەردىن چىقىۋاتقان بۇ كاربونلۇق گازلار يەر شارى ئاتموسفېراسىنى بۇلغاشتا ئاساسلىق سەۋەبچى بولماقتا ئىكەن.