رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليام بار (William Barr) 16-ئىيۇل كۈنى گرالد فورد پرېزىدېنت مۇزېيىدا قىلغان سۆزىدە ۋالت دىسنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوللىۋود شىركەتلىرىنى، شۇنداقلا ئالما، گوگۇل، مىكروسوفت قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىگەن.
ۋىليام بار مۇنداق دېگەن: «گوگول، مىكروسوفت، ئالما قاتارلىق شىركەتلەر خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بەكمۇ ھەمكارلاشقۇسى بارلىقىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ھوللىۋودمۇ ئۇلارنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىنولىرىنىمۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدىغان بولدى».
ئۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ غايەت زور خىتاي بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن ھەر قانداق تەدبىر قوللىنىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئەيبلەپ: «خىتاي كومپارتىيەسى نەچچە ئون يىللىق، نەچچە يۈز يىللىق پىلان تۈزىدۇ، ھالبۇكى، بىز پەقەت پەسىللىك كىرىم دوكلاتىغا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئامېرىكادىكى چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ تەسىر كۈچىگە خىزمەت قىلىدىغان پېچكىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى،» دېگەن.
ئۇ ئالما شىركىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئالما شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇيمەن دېگەن بولسا، خىتاي بازىرىدا سېتىلمىغان بولاتتى؛ دېمەك، ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرى قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ،» دېگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يولغا قويغاندىن كېيىن فېيسبوك، گوگول، تىۋىتتېر، لىنكېدىن قاتارلىق شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەمىنلەپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ شىركەتلەرنى تەقدىرلەپ: «ئەگەر ئۇلار بىر سەپتە مەھكەم تۇرالىسا، باشقا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرەلەيدۇ،» دېگەن.
ۋىليام بارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەيىبلەشلىرى پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى 11-ئايدىكى سايلامدا غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان خىتايغا قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇمى ھېسابلىنىدىكەن.