يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقالغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەندۇڭ ۋە خېنەن ئۆلكىسىدە «لاڭيا ھېنىپا ۋىرۇس» (Langya henipa virus, LayV) ناملىق يېڭى بىر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 35 ئادەم بايقالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «لاڭيا ھېنىپا ۋىرۇسى» ناملىق بۇ ۋىرۇس، نىپا ۋىرۇسى قاتارلىق بىر نەچچە ۋىرۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نىپا ۋىرۇسنىڭ جاننى ئېلىش خەتىرى 75 پىرسەنت بولۇپ، ھازىرقى تاجسىمان ۋىرۇستىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىكەن. بۇ ۋىرۇس ئەڭ دەسلەپتە مالايسىيادىكى چوشقا باققۇچى دېھقانلاردا كۆرۈلگەن بولۇپ، كېيىن فىلىپپىن، باڭلادېش، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يامراپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2018-يىل نىپا ۋىرۇسىنى دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك يۇقۇملارنىڭ بىرى دەپ بېكىتكەن. بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى 4 كۈندىن 14 كۈنگىچە بولىدىكەن، دەسلەپتە يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش قىزىش، باش ئاغرىش، گال ئاغرىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن؛ ئېغىر بولغانلىرىدا، مېڭە ياللۇغى ۋە تۇتقاقلىق پەيدا بولىدىكەن؛ كۆپىنچە يۇقۇمدارلار 3 كۈندىن 14 كۈنگىچە ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
شەندۇڭ بىلەن خېنەندە بايقالغان 35 يۇقۇمداردا تەكشۈرۈلگەن لاڭيا ھېنىپا ۋىرۇسى گەرچە نىپا ۋىرۇسىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما بىر تۈردىكى ۋىرۇسلاردىن بولۇپ، چوشقا، ئىت ۋە مۈشۈكلەرمۇ بۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن ۋە ئادەملەرگە يۇقتۇرالايدىكەن. يۇقىرىقى 35 يۇقۇمدار ئىچىدە 26 ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولسىمۇ، ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى يوق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىدا يامرىغان ۋىرۇسنى گەنسۇدىن كەلگەنلەرنىڭ يۇقتۇرغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. شەندۇڭ بىلەن خېنەندە بايقالغان بۇ يېڭى ۋىرۇسنىڭ باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر رايونىغا يامراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ھازىر ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.