خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتى ۋە قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمى كۈچگە ئىگە بولغان بۇ قانۇندا ئۇرۇش قىلىش سىياسىتى ۋە قارار قىلىش ھوقۇقى خىتاي دۆلەت كابېنتىدىن خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇنغا ئاساسەن خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئۇرۇش سىياسىتىنى بەلگىلەش ۋە قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئاممىۋى كۈچلەرنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. قانۇندا قوراللىق قىسىملار ۋە زاپاس قىسىملارنىڭ «بۇزغۇنچىلىق» ۋە «تەرەققىيات ھوقۇقى» نى قوغداش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي دۆلەت مۇداپىيە قانۇنىدا تىلغا ئېلىنىشى ئىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيىتىلىشىچە، ھەربىي سىياسى ئانالىزچىلار بۇ قانۇن شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ دۆلەت سىرتىدا ئامېرىكاغا قارىتىلغانلىقى، دۆلەت ئىچىدە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوراللىق باستۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر قانۇن 26-دېكابىر ماقۇللانغان بولۇپ، 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمى كۈچكە ئىگە بولغان.