شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىگەن
2023.03.09
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشنى تەكىتلىگەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ سۆزنى 8-مارت كۈنى، خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى مەزگىلىدە ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان. ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن بېكىتىپ چىقىلغان بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە «بۇ پىلاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.
بىراق خەۋەردە، بۇ يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن بېكىتىپ چىقىلغان ئىستراتېگىيە پىلانىنىڭ تەپسىلاتى دېيىلمىگەن.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكاغا جاسۇسلۇق شارى ئەۋەتىشى، تەيۋەننى توختىماي تەھدىت قىلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىشىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار سەۋىيەدە تۇرماقتا.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدىنقى كۈندىكى سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «ئامېرىكا بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى ھەر تەرەپتىن چەكلەۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. ئارقىدىنلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئامېرىكا ئەگەر خىتايغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتمىسە، ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ،» دەپ سۆز قىلغان.
مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىشى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.