ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى زېمىن داۋاسى قىلىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدىكى ئۈچ قاراۋۇللۇق ئورنىغا پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ئورناتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ، «بىزنىڭ بۇ جايلاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز ھېچقانداق دۆلەتنى نىشان قىلغىنى يوق. بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى مۇداپىئە قىلىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان،» دېگەن. ھالبۇكى، ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى فىلىپ دېۋىدسون خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بازا كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن خىرىس پەيدا قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا بۇنى «خىتاينىڭ ھازىر پەقەت ئەسكەر يۆتكىمىگەن يېرىلا قالدى،» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
3-ماي كۈنى ئاق ساراي بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھەربىيلەشتۈرۈش قىلمىشىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئاق ساراينىڭ بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «قىسقا مەزگىللىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئاقىۋەتكە سەۋەبچى» بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ يوسۇندا بەرپا قىلغان ھەربىي بازىلىرى ھەرقاچان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ بىرى ئافرىقىدىكى جىبۇتىغا جايلاشقان بولۇپ، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ جايدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئوخشاش بولمىغان «لازېر نۇرلۇق پاراكەندىچىلىك» كە دۇچ كەلگەن. CNN نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بولسا بۇ خىل «لازېر نۇر پاراكەندىچىلىكى» دە بىر قىسىم ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېيتىلغان.
«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ خىلدىكى ئايروپىلانلارنى كۈچلۈك لازېرلىق نۇر ئارقىلىق پاراكەندە قىلىش ھادىسىسى شۈبھىسىزكى تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەمەس. بىزنىڭچە بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن خىرىس ۋە پاراكەندىچىلىك،» دېگەن.