خىتاي ئارمىيىسى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىدە يېڭى قوراللىرىنى كۆرسەتتى

جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا مەسئۇل قىسىملىرى دېڭىز ۋە ھاۋا ئۇرۇشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى قوراللىرىنى ئاشكارىلىغان. بۇ قوراللار خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال فەن جاڭلۇڭنىڭ جەنۇبتىكى قىسىملارغا قىلغان زىيارىتى داۋامىدا خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە خەۋەر قىلىپ تارقىتىلغان.

گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاي يېڭى قوراللىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن بولغۇسى بىر توقۇنۇشقا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ پۇختا تەييارلىقى بارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن.

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت 12‏-ئىيۇل جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىدىكى خادا تاشلاردىن تەركىب تاپقان ئاراللارنى ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلىشىنىڭ «تارىخى ئاساسى يوق » دەپ جاكارلىغان. خىتاي تەرەپ بولسا بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلى خەۋىرىدە، مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىگە ئىگە DF-16 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتكەن. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوكىنىۋادىكى بازىسىغا يېتىپ بارالايدىكەن.