خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتتە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيىدە قىسقارتىش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى، بولۇپمۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىدە قىسقارتىش ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار خىتاي تىلىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
«ئۇيغۇربىز» تورىدا خىتاي مەنبەلىرى ئاساسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەمما بېيجىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى «تېررورچىلىققا قارشى» كۈرەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن كېڭەيتىپ، بىر قۇرۇقلۇق گۇرۇپپوۋوي ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن.
ئانالىزلاردا ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مەسئۇل بولۇپ، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قوراللىق ساقچى دېۋىزىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ مۇنتىزىم قىسىملىرىغىمۇ ئوخشاشلا ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش يەنى «تېررورچىلىققا قارشى» تۇرۇش ۋەزىپىسى بېرىلگەن ئىدى.
بۇ يىل 8-ئايدا بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورچىلىققا قارشى خىزمەتكە ماسلىشىش گۇرۇپپىسى» نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، «تېررورچىلىققا قارشى خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى پېڭ يۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. بۇنىڭ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ قىسىملىرىدىكى ئۆزگەرتىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەھلىل قىلىنماقتا.