«خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى» ناملىق ئەڭ يېڭى دوكلات خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ھازىرلىقلىرى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ئاشكارىلانغان
2024.12.20
«قىيادىكى ئۇرۇش» (War on the Rocks) تورىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەييارلىغان «خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى» ناملىق ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ھەربىي كۈچ-قۇۋۋەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى، جۈملىدىن يادرو قوراللار، راكېتا ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلىرى ئانالىز قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئاجىزلىقلىرى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىسىدىكى يوچۇقلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ يادرو بومبىلىرىنىڭ سانى ھازىرقى 600 دىن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، 2030-يىلغا بارغاندا 1000 دىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ 2035-يىلىدىن 2049-يىلىغىچە ھەربىي جەھەتتە يەر شارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چىرىكلىك ۋە تەشكىلىي قۇرۇلما جەھەتتىكى ئاجىزلىق ھەم ئىچكى خىرىسلارغا قارىماي، ھەربىي جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشنى داۋام قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتتىكى مەزگىلىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 330 مىليارد دوللاردىن 450 مىليارد دوللارغىچە بولۇپ، ئاكتىپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكىرى 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم كۈچلىرى داۋاملىق ئېشىش ھالىتىدە ئىكەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا يادرو قوراللىرىنى ئامېرىكا ئىستىخبارات دائىرىلىرى پەرەز قىلغان سۈرئەتتىنمۇ تېز قەدەمدە غايەت زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان. بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يادرو قوراللىرىنى رۇسىيەنى نىشان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ھەربىي ئىسخېمىسىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىغان. دەرۋەقە، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2024-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە يادرو قوراللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى خىتاينى مەركەز قىلغان ھالدا تەڭشەشكە بۇيرۇق بەرگەن ئىدى.