تۈنۈگۈن تەيۋەن بوغۇزىدا خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارىتا ھاۋادىن ۋە سۇدىن كۆزىتىش ئېلىپ بارغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئىزىنى قوغلىغان تەيۋەننىڭ ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرى خىتاي تەرەپنىڭ ھەرىكەتلىنىشىدە بىنورماللىق يوقلۇقىنى بايقىغان.
بۇ ھەقتە ئاخباراتقا مەلۇمات بەرگەن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كەچتە ھەرىكەتلەنگەنلىكى ۋە چارشەنبە كۈنى چۈشتە تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۇزاقلاشقانلىقى، تەيۋەن بوغۇزىدا ئەندىشىنەرلىك بىر ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەن ساياھەت قانۇنىنى ماقۇللىشى بىلەن تەيۋەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشىنىڭ يولى ئېچىلغان. تۈنۈگۈن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان شى جىنپىڭ، ئەگەر تەيۋەن تەرەپ مۇستەقىللىق ئۇرۇنۇشىدا بولسا تارىخىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكس ۋوڭ بۈگۈن تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن بىرلىكتە تەيبېيدىكى بىر سودا يىغىنغا قاتناشقان.
ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «تەيۋەن بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا سەھنىلەردە چەتتە قالدۇرالمايدۇ،» دېگەن ۋە تەيۋەننىڭ دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەك بولغان كۆپ ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.