ئۆتكەن يىل يۈز بەرگەن خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدا خىتايدىن 4 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان

19-فېۋرال CNN تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئۆتكەن يىل خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىدا خىتايدىن 4 ئادەم ئۆلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلدىكى خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدا ھىندىستان تەرەپ ئاز دېگەندە 20 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ زادى قانچە ئادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلمىغانىدى. خىتاي يېقىندا بۇ توقۇنۇشتا 4 ئادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسمى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان.

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» 19-فېۋرال بىر ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئۆتكەن يىل 6-ئايدا يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىدا تۆت ئادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خاتىرىلىگەن، بۇلارنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى خىتاي كوماندىر ۋە ئەسكەرلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن يىل 20-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا توقۇنۇشىدا خىتايدىن ئاز دېگەندە 40 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.