خىتاي باش مىنىستىرى تۇنجى چەتئەل سەپىرىنى ھىندىستاندىن باشلىدى

خىتاينىڭ يېڭىدىن بېكىتىلگەن باش مىنىستىرى لىكېچاڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىنكى، تۇنجى چەتئەل سەپىرىنى باشلىدى، لى كېچاڭ تۇنجى سەپەرنى 19 - ماي كۈنى ھىندىستان پايتەختى دېھلىدىن باشلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ، 19 - ماي كۈنى

دېھلىگە كېلىپ، ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا كىرىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ دەل خىتاينىڭ كەشمىر رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشى دېھلىنى نارازى قىلغان، ئىككى تەرەپ پىكىر ئىختىلاپى كۈچەيگەن پەيتكە توغرا كەلدى. ھىندىستاننىڭ تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل قوللىشى خىتاينى ھازىرغىچە بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر.

لى كېچاڭ ھندىستان سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پاكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پاكىستان سەپىرى بۇ دۆلەتتىكى سايلامغا توغرا كەلگەن بولۇپ، سايلامدا ئىسلامىي پارتىيە غەلىبە قىلدى. خىتاي بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىغان.

ل ئىكېچاڭ 27 - ماي كۈنى شىۋېتسارىيە ۋە گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ.