خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جانلىنىپ كەتكەن بۇ مەزگىلدە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى 1962-يىلدىكى خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئىسمائىل مەمەتنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
ئىسمائىل مەمەت 1940-يىل قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1960-يىل خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، 1962-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدا قازا قىلغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى 1963-يىل 4-ئايدا ئۇنىڭغا «ئۇرۇش قەھرىمانى» دەپ نام بەرگەن.
قاغىلىق ناھىيە «ئىنقىلاۋى قۇربانلار قەبرىستانلىقى» 1962-يىلدىكى خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدا ئۆلگەن 211 ئەسكەرنىڭ «شەرەپلىك ھاياتى» تەشۋىق قىلىنىدىغان مۇھىم تەشۋىقات بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسمائىل مەمەتنىڭ قەبرىسى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىكەن.
كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسمائىل مەمەت كوممۇنىست خىتاي يېڭى قۇرۇلغان چاغدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ياشلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 22 يېشىدا خىتاينىڭ چېگرا توقۇنۇشىدا جان بەرگەن. ئېچىنارلىق يېرى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىسمائىل مەمەت يەنە قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋەتەننى سۆيۈش ئۈلگىسى» ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاي ئۇنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا «جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بارماقچى بولغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىسمائىل مەمەتنى باشتىن-ئاخىر ئۆز مەنپەئەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرغان.