يېقىندا ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال بىپىن راۋات ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ «ھازىر خىتاي بىز ئۈچۈن پاكىستاندىنمۇ زور تەھدىت. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىشەنچتىن كۆرە گۇمان ئەۋج ئالماقتا» دېگەن.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېنېېرال بىپىن راۋات بۇ سۆزنى بىرنەچچە قېتىم تىلغا ئالغان ھەمدە ھىندىستاننىڭ بۇ خىل يېڭى تەھدىتكە قارشى تېگىشلىك مۇداپىئە چارىلىرىنى ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ توقۇنۇشتىكى لاداخ رايونىدا ۋە باشقا رايونلىرىدا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ مۇئەييەن ساندىكى ھەربىي قوشۇنى توپلانغان ئىكەن. بىپىن راۋات بۇ ھەقتە توختىلىپ «قوشۇنلارنى چېكىندۈرۈپ چىقىش ھامان بولىدىغان ئىش. ئەمما ئۇ يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى ئۇزۇن مەزگىللىك توقۇنۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسى توقۇنۇشتىكى رايونلاردىن چېكىنمىگىچە ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان پارلامېنتى نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، بىرقىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللار «بىز خىتاينىڭ قانۇنسىز زېمىن ئىگىلىشىگە يول قويالمايمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.