خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئەنگلىيە ئايروپورتىدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتى ئوبزور ئېلان قىلىپ خىتاي پۇقرالىرىنى ئىمپورت ماللىرىنى ئاز سېتىۋېلىشقا چاقىرغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ھىتسروۋ ئايروپورتىنىڭ دۇنيا باجدىن خالىي مال سېتىلىش مەركىزى بىر قېتىملىق خېرىدار جەلپ قېلىش ئېلانىدا خىتايدىن كەلگەن خېرىدارلارغا قويۇلغان شەرت كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلاندا باشقا ئەللەردىن كەلگەن خېرىدارلار مەزكۇر ئايروپورتتىكى باجدىن خالى مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە 250 فوند ستېرلىڭلىق سودا قىلسىلا مال باھاسىدا 20 پىرسەنت ئېتىبارغا ئېرىشسە، ئەمما خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 1000 فونت ستېرلىڭلىق سودا قىلسا ئاندىن بۇ ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى خىتاي خېرىدارلارنى نارازى قىلغان. ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرىغا چاپلانغان كېيىن غۇلغۇلا قوزغىغان.
كېيىن ئايروپورت دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز ئېلاندىكى مەزمۇنلاردىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە خىتاي خېرىدارلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتاي «خەلق گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا پەقەت ئادىغىنە ئۆزرە تىلەش بىلەن ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي خېرىدارلىرىغا تۆلەم بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دۇكان خېرىدارلارغا كەلگەن دۆلىتىگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان ئىكەن، بۇلارنى قوللاشنى توختىتىپ، بىزنىڭ چەتئەل ماللىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟»
دۇنيانىڭ بىرقانچە جايلىرىدىكى ئايروپورتلاردا ئورۇن ئالغان بۇ باجدىن خالى مال سېتىش شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ئېلاننى چىقارغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەنگلىيە ئايروپورتى بايانچىسى بۇنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.