خىتايدا مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەش ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئاشتى


يەكشەنبە كۈنى، خىتايدا بىر يېرىم مىليونغا يېقىن ئادەم مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق ئورگانلاردا خىزمەت قىلىش ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتناشقان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-يىللىق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بىر مىليون 480 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە شاللىنىپ كېتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 55 ئادەم ئىچىدىن بىرى خىزمەتكە تاللىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش نىسبىتى 2014-يىلىدىن كېيىن بىراز تۆۋەنلەپ، بۇ يىل قايتىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ، خىتايدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مۇقىم بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئىستىكى ئاشقان.

ئەمما، 2014-يىلى، بىر مىليون 520 مىڭ ئادەم بۇ خىلدىكى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە تاللاش ئۆلچىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ھەم قاتتىق ھېسابلىنىدىكەن.

خىتايدىكى دۆلەت مەمۇرلىرىنى تاللاش ئىمتىھان تۈزۈمى 1982-يىلى يولغا قويۇلغان ۋە 2006-يىلى تۇنجى دۆلەت مەمۇرى خادىملىرى قانۇنى ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ھۆكۈمەت مەمۇرىي خادىملىرىنى تاللاش ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەش نىسبىتى تۆۋەن ئىكەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى،نازارەتلەر ھەتتا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ۋىلايەتلەرنىڭ ناھىيىلىرىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق نىسبىتىنى خىتاي مىللىتىدىن كېلىپ چىققانلار ئىگىلىمەكتە.