لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى «ئىقتىسادشۇناسلار» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ داڭلىق گېزىتلەردىن بولغان «ئىقتىسادشۇناسلار» گېزىتى 2018-يىلى 31-ماي كۈنى ناھايىتى زور ھەجىملىك باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي ۋە جانلىق بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.

«خىتايچە خاراكتېردىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق: خىتاي شىنجاڭنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇردى» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدا ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قانداق پايخان قىلىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىدلەنگەن شۇنىڭدەك ھەممىلا جايغا يامراۋاتقان لاگېرلارنىڭ ۋە «تورلاشقان كونتروللۇق سىستېمىسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانلىق ھۇجۇم ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا پۈتۈنلەي پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ پەرقلىق ھاياتلىق ماكانىدا ياشىشىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ بۇنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى.

30-ئىيۇن كۈنى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى زېڭ روڭ «ئىقتىسادشۇناسلار» گېزىتىنىڭ تەھرىراتىغا خەت يېزىپ يۇقىرىقى ماقالىدە ئېيتىلغان ئەھۋاللارنى «رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن. ئۇ خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى «قانۇن ئاساسىغا ئىگە. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىنى نىشان قىلغان،» دەپ ئاقلىغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە قانداق «تەرەققىياتلار» غا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى بايان قىلغان. مەكتۇپتا يەنە يەرلىك مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق قوغدىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سىلەرنىڭ گېزىتتە شىنجاڭدىكى ئەھۋالنى ‹خىتايچە خاراكتېردىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق› دەپ تەسۋىرلىشىڭلار پۈتۈنلەي ئاساسسىز،» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى يالغانچىلىقلىرى دائىملىق ھادىسە. ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىجرا قىلىۋاتقانلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى نىشان قىلغان،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە «ئاپارتېيد»، يەنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى جەنۇبىي ئافرىقىدا نېلسون ماندېلا دېموكراتىك ئۇسۇلدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانغا قەدەر مەۋجۇت بولغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق خاراكتېرىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم بولۇپ، 1994-يىلى بىكار قىلىنغان. مەزكۇر تۈزۈمدە جەنۇبىي ئافرىقا پۇقرالىرى ئىرقىي ئالاھىدىلىكى بويىچە ئايرىم-ئايرىم رايونلارغا ئايرىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تۈزۈمدە ئىرقىي كەمسىتىش، ئايرىمىچىلىق، ئېكىسپلاتتاتسىيە ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىكەن.