خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىللىق قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق «رەھبىرىي كادىرلىرى» دىن ھال سورىغان.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇلار ئالاھىدە ھال سورىغان « رەھبىرىي كادىرلار» ئىچىدە ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ھامىدىن نىياز، قېيۇم باۋدۇن، يۈسۈپ ئەيسا، خەلچەم ئىسلام قاتارلىق ئۇيغۇر كادىرلار، جانابىل، ئەسقەت كېرىمباي، دەلىلقان مامىخان قاتارلىق قازاق كادىرلىرى، شۇنىڭدەك جاڭ شيۇمىڭ، جۇ خەيلۇن، چېن دېمىن قاتارلىق خىتايلار بار ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي بۇ قېتىمقى ھال سوراش پائالىيىتى جەريانىدا ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى خىزمەتلەردە «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى يوليورۇقىنى تولۇق ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىلگىرىكى يىللاردىن بۇيان ئۇل سېلىپ بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتقان.
خەۋەردە «پېشقەدەم رەھبىرى كادىرلار» دەپ سۈپەتلەنگەن بۇ كىشىلەر بولسا ما شىڭرۇي قاتارلىقلارنى داۋاملىق ھالدا «مەركەزنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ۋە بىجانىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىش، شۇ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش» قا دەۋەت قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەردىن تاللىۋېلىنغان «رەھبىرىي كادىرلار» نى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن، بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. سابىق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ «پارىخورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ھەققىدە سۆز قىلغان ئېلشات ھەسەن، «خىتايلار ئەزەلدىن ‹ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش› ئۇسۇلى بويىچە بۇ خىلدىكى ‹مىللىي رەھبىرىي كادىرلار› دىن پايدىلىنىپ كەلگەن. قاچانكى ئۇلارنىڭ لازىمى قالمىغاندا كونا كەشنى چۆرۈپ تاشلىغاندەك ئۇلارنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ» دېگەنىدى.