خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى 4-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي مۇدىرى جاڭ دېجياڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۆتكەن ئايدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى تەنقىدلىدى.
ئوچۇق خەتتە،«خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ‹ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇنى لايىھىسى› ئاخبارات ۋە مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر ئېلان قىلىش ئەركىنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ خەۋەر ئاڭلاش، تارقىتىش ۋە ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىدۇ. شۇڭا بىز خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتكەن ئايدا قاراردىن ئۆتكۈزگەن ‹ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇنى لايىھىسى› نىڭ بەزى ماددىلىرىغا قەتئىي تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.
خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ يېقىنقى يىللاردا بارغانچە كۈچەيتىلىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.