خىتاينىڭ ئىنتېرنېت گۇرۇھى ۋەكىللىرى ئۆمىكى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ۋەدىسىنى بىلدۈردى
2024.08.14
خىتاينىڭ تور تاراتقۇلىرى ۋە تور سودىسىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان سوخۇ، ئەيچىيى، جىڭدۇڭ، مېيتۇەن قاتارلىق شىركەت گۇرۇھلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 13-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىگە «قىزىل ماكان شىنجاڭ ساياھىتى» ئۈچۈن كەلگەن. ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئۇلارنى كۈتۈۋېلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى چىقارغان بۇ خەۋەردە، ما شىڭرۈينىڭ ۋەكىللەرگە سۆزلىگەن سۆزىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بېرىلگەن. ما شىڭرۈي ئۇلارغا شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا سىلەرمۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا، ئۇنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە ياردەم بېرىڭلار» دېگەن نۇقتىنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈي نۆۋەتتە تور دۇنياسىنىڭ تەشۋىقات ۋە سودا جەھەتتىكى تەڭداشسىز كۈچىنى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينايدىغان رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى، «شەرقتە سوققان چوتنى غەربتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تور شىركىتى گۇرۇھى ۋەكىللىرىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتكەنلىكىنى، ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بۇ رايوندىكى تور سودىسى ۋە «مەدەنىيەت تەرەققىياتى» نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتېرنېت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، خىتاي شىمالىي كورېيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۆز پۇقرالىرىغا تور چەكلىمىسى قويۇپ كەلگەن دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ كەلگەن. خىتايدا ھازىر تەخمىنەن 710 مىليون كىشى توردىن پايدىلىنىدىكەن، خىتاي 2016-يىلىلا «تور بىخەتەرلىك قانۇنى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە VPN تۈرىدىكى تامدىن ئاتلاش ئەپلىرىنى ئىشلەتكەنلەرنى «2-دەرىجىلىك تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، ھەتتا خىتاي شىركەتلىرى چىقارغان «Kuaiya» (كۇەييا) ئەپ دېتالىنى ئىشلەتكەنلەرنى تۇتۇپ تۈرمە-لاگېرلارغا سولىغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن ئېنىقلانغانىدى. خىتاينىڭ يەنە 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇشتا ئىشلەتكەن «بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسى» غا خىتايدىكى چوڭ تور شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بەرگەنلىكى مەلۇم.