خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادقا ئائىت ئۇچۇرلىرىغا بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ كەتكەن

خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن، 2013-يىلى بىرىنچى پەسىللىك مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 7.7% ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. رەقەم كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە، ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا 0.2% چۈشكەنلىكتىن، يەر شارى پاي بازىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك چۈشكەن.

ئەسلىدە كۆپ قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 8% كە يېقىن ئۆرلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئىقتىسادىي رەقەملەر پەقەت دۆلەتكە قاراشلىق ئورگانلار تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكتىن ۋە ھېچقانداق مۇستەقىل بىر ئورگاننىڭ بۇنى دەلىللىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقتىن، رەقەملەرنى ئىشەنچلىك دەپ قاراش قېيىنغا توختايدىكەن. ھازىر خەلقئارا شىركەتلەرنىڭمۇ بۇ رەقەملەرگە بولغان ئىشەنچى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتكەن. چۈنكى، خىتايدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر باجدىن قېچىش ياكى ئېكىسپورتتا ئەۋزەللىككە ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرىغا ساختا سانلىق مەلۇمات يوللىغاننىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگەرتىپ تۇرىدىكەن.

شۇ ۋەجىدىن ھازىر، خەلقئارا شىركەتلەر خىتاي ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئالدىغا ئانالىز قىلىدىغان بولغان.

خەلقئارا ئىقتىساد مەسىلھەتچىلىك شىركىتى بولغان IHS شىركىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ساڭ رو خىتايدىكى سودا بازىرىدا ساقلىنىپ ياتقان مەسىلىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاينىڭ پۇل بىرلىكىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇشى، كارخانىلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللاپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارادا ھەقسىز رىقابەت قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىشىمۇ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە شىركەتلەرنى نارازى قىلماقتا. دۇنيا بانكىسى بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم خىتاينى ئېكسپورتقىلا باغلىنىپ قالماي، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سودىغا قول تىقىۋېلىشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.