خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادتىكى ئاستىلاشقا قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى

ئالدىنقى كۈنى خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلىق رەقەملەردىن خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ بارغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى بىكار قىلىش مەقسىتىدە ئېكسپورتتىكى باجنى تۆۋەنلىتىش ۋە بىر تۈركۈم سېلىق ۋە رەسمىيەتلەرنى بىكار قىلىشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىقتىسادتىكى ئاستىلاشنىڭ نورماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنى ئىقتىسادنىڭ ئۆرلەپ مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دېگەن. ئەمما خەلقئارا ھسبچ بانكىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى تۆۋەنلەشنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىدا خىتاي ماللىرىغا بولغان تەلەپنىڭ ئازىيىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى بازارنى جانلاندۇرالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن.

ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى بۇ ئاستىلاشنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇقىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم تۈپتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئېكسپورتقىلا تايىنىپ قېلىشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش، ئىچكى بازارنى جانلاندۇرۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان تەدبىرلەر پەقەت كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادتىكى ئاستىلاشتىن ئاز زىيان كۆرۈشىگىلا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.