خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشتىن توختىغانلىقى زور دىققەت قوزغىدى

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى «كاپىتال ئىقتىسادىي» مەسلىھەتچىلىك شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆسۈشى شى جىنپىڭ دەۋرىدە رەسمىي توختاپ قېلىشقا ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ھال نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ: «نۆۋەتتىكى پۇل-مۇئامىلە دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي كاساتچىلىق مەزگىلىدىكى ئۆسۈش ئەھۋالىغا زىيادە زېھىن قويۇشى تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بۇ كەلگۈسى دۇنيا ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە بىر ھادىسە ئىدى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

«فوربېس» (Forbes) تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ پولات ئىشلەپچىقىرىشىدىكى چېكىنىش ئاللىقاچان ئالتە پىرسەنتكە يېقىنلاپ قالغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان خىتايدا كۆرۈلگەن بۇ ئۆزگىرىش ئېنىقلا دۇنيا پولات ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سېنتەبىر ئېيىدا جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىگە قارىتىلغان ئېكسپورت زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. دوكلاتتا بۇ ئەھۋال تەھلىل قىلىنىپ: «بۇ بەلكىم دۇنيا بازىرىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلىپىدە تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن» دېيىلىدۇ.

دوكلاتتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى تەپسىلىي تەھلىل قىلىنىش بىلەن بىرگە خىتايدىكى پارچە سېتىش ۋە ئىستېمال ساھەسىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكى، خىتايدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ ئۆسۈشىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان بەش يېرىم پىرسەنتلىك نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلار بايان قىلىنىدۇ. ئاپتورلار مۇشۇ خىل سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق «باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى نۆلگە چۈشۈپ قالدى، دېيىش مۇمكىن. بۇ ھېچقانداق بىر دۆلەت رەھبىرى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ‹مۇۋەپپەقىيەت›تۇر» دەيدۇ.