خىتايدىكى مىلياردېر بۇ يىلىلا ئۆز بايلىقىنىڭ 84 پىرسەنتىنى يوقاتقان

نىكاراگۇئادىكى بىر قانالغا مەبلەغ سېلىپ، پاناما قانىلىغا رىقابەت ئېلان قىلىشنى خىيال قىلغان خىتايدىكى بىر مىلياردېر بۇ يىلدىكى بازار كاساتچىلىقىدا ئۆز بايلىقىنىڭ 84 پىرسەنتىنى يوقاتقان.

«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن خىتاي سودىگەر ۋاڭ جىڭنىڭ قولىدا ئەسلى 50 مىليارد دوللار مەبلىغى بار ئىكەن.

ئۇ نىكاراگۇئادىكى قانالنى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ چىقىرىپ ياساش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭ پايچەكلىرى بازار كاساتچىلىقىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ 50 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى بۇ يىل ئىيۇلدىن باشلاپ زىيان كۆرسىتىپ، 1 مىليارد 100 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ بېيجىڭدىكى شىنۋېي تېلېفون ئالاقە تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ 35 پىرسەنت پېيىنى كونترول قىلىدىكەن.

ھالبۇكى خىتاي پايچەك بازىرى بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چۆكۈشكە باشلىغاندىن بۇيان مەزكۇر شىركەت پايلىرى بۇ يىل 10- سېنتەبىرگە كەلگۈچە 57 پىرسەنت قىممىتىنى يوقاتقان.

شۇنداق قىلىپ ۋاڭ جىڭ بۇ يىل ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 84 پىرسەنتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، بۇ يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان مىلياردېر بولۇپ قالغان.