خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۈشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ «2013-يىللىق دۆلەت قەرزى كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمى قەرزى 2012-يىلى 28 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ بارغانلىقى، بۇ شۇ يىلقى خىتاي ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ 53% ئىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى ياڭ دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەگەر غەيرىي پۇل-مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ، قەرزدارلار قايتۇرمىغان قەرز سوممىسى، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ قەرزىنى قوشۇپ ھېسابلىسا، بۇنىڭ 111 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، خىتاي مەملىكەتلىك ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ 6.2 ھەسسىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بۇ خىتاي يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ ھەممىسى بايلىق ياراتمىغان. ئۇنىڭ ئاز بولمىغان بىر قىسمىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىكەن. دوكلاتتا يەنە، نۇرغۇن زاپاس مال بېسىلىپ قالغانلىقى، بۇ ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.