بۈگۈنكى خىتاي ئېغىر پۇل كاساتلىقى قاينىمىغا كىرىپ قالغان
2025.01.29
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى پۇل كاساتلىقى، يەنى پۇل قىسلىقى (deflation) قىيىنچىلىقىغا پېتىپ قالغان.
ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق ئىقتىسادىي ئانالىز تور بېتى بولغان «گېئو-سىياسىي ئاخبارات سىستېمىسى» (GIS) تورى 27-يانۋار ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھالدا پۇل كاساتلىقى قاينىمىغا كىرىپ قالغانلىقى، خىتايدىكى 65 پىرسەنت ئاھالىنىڭ تۇرمۇش كىرىمىنىڭ ئوتتۇرا سەۋىيەدىن تۆۋەن ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ مال ئېكسپورتى تۆۋەنلەپلا قالماي، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال كۈچى، يەنى پۇقرالارنىڭ مال سېتىۋېلىش كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن، سانائەت ماللىرىنىڭ باھاسىمۇ چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئۇدا 6 قېتىم پۇل كاساتلىقى كېلىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنى بوشىتىش تەدبىرلىرى قوللانغان بولسىمۇ، ئۈنۈم بەرمىگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ 2020-يىل قىلغان سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، خىتايدا 600 مىليون ئاھالىنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 1000 يۈەندىن تۆۋەن ئىكەنلىكى، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭمۇ بۇنى ئىنكار قىلمىغانلىقى، بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ خىتايدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كوۋىد ۋاباسىدىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بىراقلا تۆۋەنلىشى نەتىجىسىدە، خىتايدىكى نۇرغۇن شىركەت-زاۋۇتلار تاقالغان، ئادەم قىسقارتقان ياكى ئىش ھەققىنى تۆۋەنلەتكەن. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىدا 2023-يىل 600 مىليوندىن كۆپ خىتاي ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمىنىڭ 3500 يۈەنگە يېتىپ قالغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان، بۇنىڭغا قارشى پىكىردە بولغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئاۋازى جىمىقتۇرۇلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 70 پىرسەنت بايلىقى ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەگەر ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى داۋاملاشسا، ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن، پۇل كاساتلىقى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىكەن.